ili.meshrep.weqpi@gmail.com

|

+90 505 558 20 17

ۋەخپىمىز ھەققىدە

خەلقىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىمىز

ئىلى مەشرەپ ۋەخپىنىڭ قۇرۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشى

2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان زۇلۇم كۈنسايىن ئېشىپ، ئىمكانىيىتى يار بەرگەنلىكى كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئىستىكى كۈچەيدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە پاسپورت بېجىرىش قىيىن بولغان بولسا، 2013- يىلىدىن باشلاپ، خىتاي توساتتىن پاسپورت بېجىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ۋە باشقا يوللار بىلەن چەتئەلگە چىقىشى قولايلاشتى.

2015- يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئومومىي يۈزلۈك پاسپورت بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە قاچاق يوللارنى كەڭ ئېچىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەپ بولدى ۋە بۇ جەرياندا ۋىزا ئېلىشنىڭ ئاسانلىقى، ئۇيغۇرغا يېقىنلىقى ۋە كەڭ قۇچاق ئېچىشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش مەنزىلىگە ئايلىنىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر تۈركىيەگە يەرلەشتى.

بۇ ئۇيغۇرلار ھەر ساھە، ھەر قاتلامدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، نۇرغۇن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرمۇ يۈز بېرىشكە باشلىدى ، شۇنىڭدەك تۈركۈملەپ ھەر خىل نامدا تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى . -2016يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ بىر بالداق كۆتۈرۈپ، زۇلۇمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ ئېشىكنى تاقاپ زەربە بېرىشنى يولغا قويۇپ ، ۋەتەن سىرتىغا چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىش يولىنى كەسكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىتىپ ئېغىر جازا بېرىش ئارقىلىق خەلقىمىزنى قورقۇتماقچى بولدى.

ۋەزىيەتنىڭ بارغانچە يامانلىشىشى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى، كۈنسىرى ھەر تۈرلۈك ئىختىلاپلارنىڭ كۆپىيىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا بىرلىكنىڭ يوقلۇقى توغۇرىسىدىكى شىكايەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ۋەزىيەتنى كۆرۈپ يەتكەن بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددى ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك بىر تەشكىلى قۇرۇلمىنى قۇرۇپ چىقىش مەسلىھەتى بىلەن كۆپ قېتىم بىر ئارىغا كېلىپ سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىملىق يېغىلىشتا مەلۇم كىشىلەرنىڭ تېمىدىن سىرت بەزى ئۇششاق مەسىلىلەر توغۇرلۇق تالاش - تارتىش پەيدا قىلىش ۋە كۆزلەنگەن نىشاندىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىدە كۈتكەن نەتىجە ھاسىل بولمىدى.

بۇ خىل ۋەزىيەتتە غۇلجىلىق بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر "ھەر قايسى يۇرتلار ئۆز ئىچىدە بىرلىك ھاسىل قىلسا، ئاندىن ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنى بىر يەرگە ئەكىلىش ئارقىلىق مىللى بىرلىكنى ھاسىل قىلىشقا بولىدىكەن" دېگەن ئوي بىلەن ئۆز – ئارا يېغىلىپ ئالدى بىلەن تۈركىيەدىكى غۇلجۇلۇقلارنى بىر ئارىغا ئەكەلگەن بىر توپلۇم قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى. - 2017يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىدى. ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ ئىقتىسادى جان تومۇرى ئۈزۈپ تاشلانغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك قېيىنچىلىقلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇلار ئاز كەلگەندەك -2017يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا – ئانىسىنى تۇتقۇن قىلىپ تۇرۇپ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەندىن سىرت، مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن كىلىشىم تۈزۈپ خىتاي ساقچىلىر ى بىلەن مىسىر ساقچىلىرى بىرلىكتە زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى تەھدىد ئاستىدا قالغان بىر ۋەزىيەتتە ئۇلارنى ساق - سالامەت تۈركىيەگە ئەكىلىۋىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلدى . ئۇنىڭدىن كىيىن مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاياللار، نارسىدە بالىلار ۋە ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا، تۇيۇقسىز ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ گاڭگىراپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگەچىقىش، ئۇلار يولۇققان ئىقتىسادى قېيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، گاڭگىراپ نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان بەزى ياشلارنى خىتاينىڭ يەمچۈكىگە ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن جىددى تەدبىر ئېلىنىشى كىرەك ئىدى. بۇ زور ۋەزىپە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى.

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تەشكىلارتلارنىڭ شۇنچە كۆپلىكىگە قارىماي ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى، جامائەت ئىچىدىكى چىچىلاڭغۇلۇق ئىجتىمائىي مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا يول ئاچقان بولدى. يۇقارىقى سەۋەپلەر تۈپەيلى - 2017يىلى -6ئايدا بارلىق غۇلجىغا تەۋە قېرىنداشلا رنى يېغىپ ئۆز – ئارا تونۇشۇپ غۇلجا جامائىتىنى تەشكىللەپ جامائەتنىڭ قارارى بىلەن بۇ جامائەتكە 1994يىلى غۇلجىدا شېھىت ئابدىخىلىل مىجىت رە ھبەرلىكىدە باشلانغان مەشرەپ ھە رىكىتى شۇنداقلا بۇ ھە رىكەتنىڭ داۋامى سۈپىتىدە 1997يىلى 5فېۋرال غۇلجا ئېنقىلاۋىغا باشلامچىلىق قىلغان ئەنە شۇ مەشرەپ ھەرىكىتىنىڭ قەھرىمان ئەزالىر ى بولغان ئەزىز شەھىتلىرىمىزنى ئەسلەش ۋە ئۇ لارغا ۋارىسلىق قىلىش، ئاساسى نىشانىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىنىڭ تۈرۈتكىسىدە « ئىلى مە شرىپ ى جامائىتى» دېگەن نام بېرىلىش قارار قىلىندى ۋە جامائەت تەشكىلى قۇرۇلمىسى بېكىتىلىپ يىگىت بېشى سايلىنىپ چىقىلىپ ھەيئەت كوللىك تىۋى بېكىتىلدى. شۇنداقلا ھەيئەت كوللىك تىپ ى مەسلىھەتلىشىپ ئالغان قارارنى جىددى بىر شەكىلدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ئالدى بىلەن ئىشنى بىرىنجى، مىسىردىن قېچىپ كېلىپ گاڭگىراپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش، ئىككىنجى، ئەرلىرى خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى ۋەتەندە قىلىپ چىقالمىغان بالىلىرى بىلەن قىيىنچىلىقتا قالغان ئاياللارنىڭ ئىقتىسادى قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئۈچىنجى، ئەمگەك كۈچى بار لېكىن ئىشسىز قالغان قېرىنداشلا رغا ئىش تېپىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشقا جىددى تۇتۇش قىلىش قارارى ئېلىنىپ ھەرىكەت باشلىدى. دەسلەپكى قەدەمدە 20نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇپ ، 14نەپەر يالغۇ ز ئايالغا قاراپ، باشقا قېرىنداشلا رغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىشتېپىپ بەردى. جامائەت ئەزالىرى بۇ ئىشلارغا ئاكىتىپ ئاۋازقوشۇپ قوللىدى.

-2018يىلى مەشرەپ جامائىتى ئەزالىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن مۇقۇم مۈلۈك سېتىۋىلىپ ۋەقىپ قىلىندى. -2018يىلىغا كەلگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 45كە، ئاياللارنىڭ سان 22گە يەتتى. -2019يىلى ئوقۇغۇچى سانى 58گە يېتىپ باردى. تەشكىلات كۈچەيگەنچە دەسلەپكى غۇلجىلىقلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قىيىنچىلىقتا قالغان قىرىنداشلا رغا خىزمەت قىلىدىغان ھالغا كەلدى. شۇ سەۋەپتىن ئىلى مەشرىپىنىڭ نامى تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تاراپ قوللاشقا ئېرىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى غۇلجىلىقلار مەشرەپ جامائىتىگە قوشۇلۇپ رن جامائەتنىڭ كۈچى زورايدى. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى غۇلجلىقلارنىڭ ئۆملۈكى باشقا يۇرتلۇقلا ىڭمۇ ئۆز يۇرتلۇقلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ جامائىتىنى قۇرۇشىغا، ئاخىرىدا يۇرتلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋەسىلە بولدى . -2020يىلى جەمىيەتنى رەسمى شەكىلدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇپ " ئىلى مەشرەپ تەلىم- تەربىيە خىزمەت ۋەخپ ى" دېگەن نام بىلەن رەسمىي شەكىلدە خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ تۈركىيەدىكى چوڭ جامائەت ۋە كۈچلۈك تەشكىلات بولۇپ رول ئىلىش بىلەن بىرلىكتە تۈپ نىشانىمىز بولغان ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشماقتا

بىزگە ئەگىشىڭ
بېكەت تىللىرى
ئالاقىلىشىڭ

Fevzi Çakmak, Sultan Murat Cd. No:16 D:c, 34295 Küçükçekmece/İstanbul

+90 505 558 20 17

ili.meshrep.weqpi@gmail.com

نەشىر ھوقۇقى © ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپىگە مەنسۇپ