ili.meshrep.weqpi@gmail.com

|

+90 505 558 20 17

ئىلى مەشرەپ  نىزامنامىسى

بسم الله الرحمن الرحيم

 

 بىرىنچى باب: ئومۇمىي پرىنسىپ

 

1- ماددا: تەشكىلاتىمىزنىڭ ئىسمى: ئىلى مەشرەپ، تۈركچە ئاتالغۇسى:  İli Meşrep

2- ماددا:  تەشكىلاتىمىز ئېتراپ قىلدىغان دۆلىتىمىزنىڭ ئىسمى: شەرقىي تۈركىستان

1933- ۋە 1944- يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇريىتىمىزنىڭ ئىسمى.

بايرىقىمىز: ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق.

دۆلەت گېربى: 1933- ۋە 1944- يىللىرى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتتە ئىشلىتىلگەن گېرب.

ئىستىقلال مارشى: 1933- يىلدىكى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسلى نۇسخا.

(بۇ نۇقتىلاردا ھېچقانداق جەمئىيەت ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىختىلاپلاشمايمىز.)

3- ماددا: جەمئىيىتىمىز نامىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر، ئىسلام دىنىمىزغا ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن بولىدۇ.

4- ماددا: جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى؛ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مىللىتىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەش.

5- ماددا: جەمئىيىتىمىز – تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىدۇ.

6- ماددا: جەمئىيىتىمىزنىڭ يىگىت بېشى ۋە ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سىياسي ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى، خىتتاي مۇستەملىكچىلىرىگە بولغان غەزەپ – نەپرىتى، مەيدانى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەسى ئېنىق بولىشى كېرەك.

7- ماددا: تەشكىلاتىمىزنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدا بولىدۇ.

 

ئىككىنچى باب: ئىلى مەشرەپنىڭ غايە – نىشانلىرى

 

8- ماددا: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇش ۋە ئۇنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش.

9- ماددا: تەشكىلاتىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىنى ھازىرقى زامانغا مۇناسىپ شەكىلدە سىستېملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللىتىمىزنى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللىنىشنى كۈچەيتىش.

10- ماددا: مىللىتىمىزدىكى چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆز- ئارا قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي بىرلىكىنى ھاسىل قىلىپ، يول ۋە تەدبىر بەلگىلەش.

11- ماددا: مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە غەلبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئىقتىسادىي مەنبە يارىتىش ۋە ئىقتىساد توپلاش.

12- ماددا: مىللىتىمىزنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈستىدە مىللى بىرلىككە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پىلان ۋە تەدبىرلەرنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇش.

13- ماددا: بۇ تەشكىلات، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي بىرلىكىدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت، پارتىيە، تەشكىلات قاتارلىق ئورگانلارغا تەۋە بولماستىن، مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزى ئالىدۇ.

14- ماددا: بۇ تەشكىلات، ئېھتىياج تېپىلسا، پرىنسىپ ۋە غايە – نىشانلىرىدا ئورتاق بولغان تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدۇ.

 

ئۈچىنچى باب: ئىلى مەشرەپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى

 

15- ماددا: ئىلى مەشرەپنىڭ  تەشكىلىي قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكى ئورگانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ؛ 1- مەشرەپ يىگىت بېشى ۋە ئۇنىڭ كاتىپى، 2- ھەيئەتلەر مەجلىسى، 3- ئىدارە ھەيئىتى، 5- ئاياللار ۋەكىللىرى، 6- تەشكىلات  باياناتچىسى، 7- تەشۋىقات بۆلۈمى، 8- مالىيە بۆلۈمى، 9- تەلىم – تەربىيە بۆلۈمى، 10- شەرئىي بۆلۈمى، 11- تىجارەت بۆلۈمى، 12- تەنتەربىيە بۆلۈمى، 13- بىخەتەرلىك بۆلۈمى، 14- تەپتىش ھەيئىتى، 15- ئىجرائىيە بۆلۈمى، 16- سايلام ھەيئىتى قاتارلىق 16  قۇرۇلمىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

16- ماددا: يىگىت بېشى ۋە ھەيئەتلەر مەجلىسى، 6- ماددىنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئەزالارنىڭ ئىچىدىن، ئەزالارنىڭ سايلىشى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ،(يىگىت بېشى ئىلىلىق بولشى شەرت). سايلانغۇچىلار ئۈچ يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن قايتا سايلانسا ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردۇ.

17- ماددا: ئىدارە ھەيئىتىنى، كاتىپىنى ۋە بىخەتەرلىك بۆلۈمىنى، ھەيئەتلەر مەجلىسى ئىچىدىن يىگىت بېشى ئۆزى تەيىنلەيدۇ. سايلانغانلار ئۈچ يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئىككى قېتىم قايتا سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەڭ ئاز بىر قېتىملىق سايلام ئۆتكەندىن كېيىن يەنە قايتا سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

18- ماددا: يىگىت بېشىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەشكىللەش، رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە كۆزىتىش.

2- ئېلىنغان قارارلار ۋە خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش.

3- ھەيئەتلەر مەجلىسىنىڭ، تەشكىلات  ئەزالىرىنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ۋە ۋەتىنىمىز توغرىسىدا قولدىن كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خىزمەتلەرنى، ئىدارە ھەيئىتى، ھەيئەتلەر مەجلىسى بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش.

4- يىگىت بېشى ئالاھىدە مېھمان ۋە زىيارەتچىلەرنى مەرتىۋىسىگە قارىتا ئۆزى كۈتۈۋېلىش ياكى ئىدارە ھەيئىتى ۋە ياكى ھەيئەتلەر ئىچىدىن مۇناسىپ كىشىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش.

5- باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش.

6- بىر قېتىملىق چىقىم سوممىسى، 10000 (ئون مىڭ) تۈرك لىراسىدىن تۆۋەن چىقىملارنى تەستىقلاش.

8- داۋاملىق مەشرەپنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە باش قاتۇرۇپ تۇرۇش.

9- جەمئىيەتنىڭ خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش.

19- ماددا: ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- ئىدارە ھەيئىتىنىڭ قەرەللىك يىغىنى، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىچىلىدۇ. جىددى ئەھۋال بولغاندا يىگىت بېشىنىڭ يىغىنغا چاقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ.

2- ئېھتىياج بولغاندا جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈتۈش لايھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەيئەتلەر مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش .

3- جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەت – ۋەزىپە، پىلان – لايھىيەلىرىنى تۈزۈپ، ھەيئەتلەر مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش.

4- جەمئىيىتىمىزدىكى ئورگانلارنى كۆپەيتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايھىيىسىنى تۈزۈپ، ھەيئەتلەر مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش.

5- 10000 (ئون مىڭ) تۈرك لىراسىدىن يۇقۇرى 50000 (ئەللىك مىڭ) تۈرك لىراسىدىن  تۆۋەن، چىقىملارنى تەستىقلەش.

6- خەلق ئاممىسى ۋە ئىلى مەشرەپ  ئەزالىرىنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ماتىريال تەييارارپ، ھەيئەتلەر مەجلىسىگە يەتكۈزۈش، بۇ ھەقتە چىققان قارارلارنىڭ خۇلاسىسىنى، مۇناسىۋەتلىك كىشى ياكى ئورگانلارغا مەلۇمات بىرىشكە توغرا كەلگەندە، مەلۇمات بېرىش.

7- يىگىت بېشىغا سەمىمىيلىك بىلەن بويسۇنۇش، تەكلىپ – پىكىر، مەسلىھەت ۋە چاقىرىقلىرىغا سەككىز سائەت ئىچىدە چوقۇم جاۋاپ بېرىش.

8- كۈنىگە سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى بويىچە ئىشلەيدىغانلارنىڭ مائاشىنى ۋە باشقا تەمىناتلىرىنى بېكىتىدۇ.

9- ئىلى مەشرەپكە يېڭىدىن ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان شەخىسلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ ياكى رەت قىلىدۇ.

20- ماددا: ھەيئەتلەر مەجلىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى (ھەيئەتلەر مەجلىسى، ئىلى مەشرەپ  مەركىزى ھوقۇقلۇق ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ).

1- ھەيئەتلەر مەجلىسى: ھەرساھەدىكى زىيالىي – ئالىملار، مەيدانلاردا ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان پاراسەتلىك يول باشچىلار، كىشىلىك خاراكتېرى پىشىپ يېتىلگەن ۋە مەنمەنچىلىكتىن قۇتۇلغان ئەخلاق ئىگىلىرى، ھەيئەتلەر مەجلىسىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. يۇ كىشىلەر ئارقىلىق ھەيئەتلەر مەجلىسى قۇرۇلىدۇ. ھەيئەتلەرنىڭ سانى يەتتە بىلەن ئون بەش ئەتراپىدا بولىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، يېڭى پىلان – لاھىيەلەرنى ۋە ئۇنىڭ باسقۇچۈلىرىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

2- مۇھاجىرەتتىكى (دىئاسپورادىكى) ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۈر كەمبەغەللىكى، تېز ئالدىنىپ كېتىش كەمچىللىكى، دىنى، مىللىتى، ۋەتىنى ۋە مىللي ئەنئەنىلىرىدىن ۋاز كېچىش پىسخىكىسى قاتارلىق كەمچىللىكلەرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، قانداق قىلغاندا مىللەتنى بۇ ئىللەتلەردىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چارە – تەدبىرلەرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزىدۇ.

3- ئىلى مەشرەپ باياناتچىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى ، مالىيە بۆلۈمى، شەرئى بۆلۈمى، تەلىم – تەربىيە بۆلۈمى، تىجارەت بۆلۈمى، تەنتەربىيە بۆلۈمى، ئىجرائيە بۆلۈمى، سايلام ھەيئىتى، تەپتىش ھەيئىتى قاتارلىقلار ھەيئەتلەر مەجلىسى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ. ئۈچ يىل خىزمەت ئۆتەيدۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن قايتا سايلانسا يەنە ئۈچ يىل خىزمەت ئۆتەيدۇ.

4- ئىدارە ھەيئىتىنىڭ پىلان – لايھىيەلىرىنى قاراپ چىقىرىپ تەستىقلەيدۇ ياكى رەت قىلىدۇ.

5- ئىلى مەشرەپنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايھىيىسىنى كۆرۈپ چىقىپ تەستىقلەيدۇ ياكى رەت قىلىدۇ.

6- بىرقېتىملىق سوممىسى 50000 (ئەللىك مىڭ) لىرادىن ئاشىدىغان چىقىملارنى تەستىقلايدۇ ياكى رەت قىلىدۇ.

7- مەشرەپنىڭ نىزامنامىسىغا ھەر يىلدا بىر قېتىم قاراپ چىقىپ تۈزىتىشكە تىگىشلىك بولسا، مەجلىسنىڭ كۆپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تۈزىتىپ چىقىدۇ.

8- ھەيئەتلەر مەجلىسى ئەزالارنىڭ ئايلىق بەدەل پۇلىنى بېكىتىدۇ، يەنى ئۆستۇرۇش ياكى چۈشۇرۈشنى بەلگىلەيدۇ.

9- ئىلى مەشرەپ  ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ.

10- ھەيئەتلەر مەجلىسىنىڭ خىزمىتى، مەجلىس ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەيئەتلەر مەجلىسىنىڭ يىغىلىشى، قەرەللىك مەجلىس ۋە قەرەلسىز مەجلىس دەپ ئىككى خىل يىغىلىشقا ئايرىلىدۇ. ھەرئىككى خىل مەجلىسنى يىگىت بېشى ئۆزى ئاچىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. يىگىت بېشى ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن مەجىلىسنى ئاچالمىسا، يىگىت بېشىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بىرسى ياكى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسىدىن بىركىشى يىغىن چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

11- ھەيئەتلەر مەجلىسىنىڭ قەرەللىك مەجلىسى، ھەر ئايدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. ھەيئەتلەر مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىشقا تىگىشلىك جىددى ئەھۋال تېپىلغاندا، ئىدارە ھەيئىتىنىڭ %50 تىن ئارتۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن قەرەلسىز مەجلىس چاقىرىشقا بولىدۇ.

12- ھەيئەتلەر مەجلىسى چاقىرىلغاندا ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن قاتنىشالمايدىغان ھەيئەتلەر، يىگىت بېشىدىن ياكى ئۇنىڭ شۇخىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ياردەمچىسىدىن رۇخسەت سورايدۇ ۋە يىغىن مەزمۇنىنى، باشقا ۋەكىللەرگە ھاۋالە قىلىدۇ.

13- ھەيئەتلەر مەجلىسدە مۇزاكىرە قېلىنغان بارلىق ئىشلار توغرىسىدا قارارچىقىرىدۇ. قارار %50 تىن كۆپ ھەيئەتنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتسە ماقۇللانغان ھېسابلىنىدۇ.

14- ھەيئەتلەر مەجلىسى زۆرۈر بولغاندا ئىلى مەشرەپنى تارقىتىۋېتىش ، قالغان مال- مۈلكىنى ياكى قەرزلىرنى ئېنىقلاپ بىرتەرەپ قىلىش، قانۇني رەسمىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ۋە جاۋابكار بولۇش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن، ئالاھىدە خادىم تەيىنلەيدۇ ۋە نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.

21- ماددا: مەشرەپ باياناتچىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- مەشرەپ باياناتچىسى بولىدىغان كىشىنىڭ مىجەزى ئىغىر- بىسق، كۆرۈنىشى سالاپەتلىك ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇنىۋېرسىتى پۈتتۈرگەن، خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى چۈشىنىدىغان كىشى بولىشى كېرەك.

2- مەشرەپ باياناتچىسى ئىدارە ھەيئىتى ۋە ھەيئەتلەرمەجلىسى تەرىپىدىن مىللىتىمىزگە ياكى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلۈشى قارار قېلىنغان مەلۇماتلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىدۇ.

3- مۇخبىرلار ئىلى مەشرەپ توغرىسىدا مەلۇمات تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، يىگىت بېشى ۋە ئىدارە ھەيئىتىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىدۇ.

4- ھەرخىل شەكىلدىكى نامايىش ۋە يىغىلىشلاردا بايانات بېرىشكە توغرا كەلسە، يىگىت بېشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بايانات بېرىدۇ.

22- ماددا: تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- تەشۋىقاتنىڭ تۈپ نىشانى، ئەبەدىي دۈشمىنىمىز بولغان خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يالغان سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىش، ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىز ھەققىدە دۇنيا ئەھلىنى توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش.

2- تەشۋىقات خىزمىتىدە ئىلى مەشرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر قانداق ئىشتىن ۋە شەخسىلەردىن يوقىرى ئورۇنغا قويۇش.

3- تەشۋىقاتنى داۋاملىق يېڭىلاپ جانلاندۇرۇپ تۇرۇش ۋە تەشۋىقاتنى ئەڭ يوقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تىرىشىش.

5- تەشۋىقاتتا يالغانچىلىق ۋە مۇبالىغە ئىشلىرىدىن ساقلىنىش.

6- ئىلى مەشرەپ  تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كىشىلەرنىڭ خىراجىتىنى، تەشۋىقات ئۈسكىنىلىرىنىڭ چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.

23- ماددا: مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى

1- مالىيە بۆلۈمى ھەر قانداق كىرىم – چىقىمنى، مالىيە ئۆلچىمى بويىچە ۋاقتى سائىتى بىلەن خاتىرلەپ ماڭىدۇ.

2- ياردەم قىلغان كىشىلەر ۋە ئورگانلارغا، ياردەمنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق تالونى چىقىرىپ بېرىدۇ.

3- چىقىم ئىشلىرىدا 100 (يۈز) تۈرك لىراسىدىن يوقىرى بولغان ھەر قانداق چىقىم ئۈچۈن چوقۇم تالون ئالىدۇ. 50 (ئەللىك) تۈرك لىراسىدىن تۆۋەن چىقىم ئۈچۈن، تالۇن بولمىغان تەقدىردە، مالىيە بۆلۈمى مەسئۇلى ئېمزا قويۇپ بېرىدۇ، بوغالتىر ھەر ئايلىق كىرىم – چىقىم ئەھۋالىنى ۋە تالونىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

4- كىرىمنى باشقىلاردىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ، چىقىم قىلىدىغان ۋە بوغالتىرلىق قىلىدىغان كىشىلەر، ئايرىم – ئايرىم ئۈچ بۆلۈمدىن (ۋاقتىنچە ئۈچ كىشىدىن) تەشكىللىنىدۇ. ئارىلىرىدىكى مۇئامىلىدە، ھەر ۋاقىت ھۆججەت ئىشلىتىدۇ.

5- بوغالتىر يىللىق كىرىم – چىقىمنى خۇلاسىلەپ، يىللىق مەلۇمات بېرىدۇ.

6- مالىيە خىزمىتىدىكىلەر مەشرەپنىڭ بىريىللىق چىقىم لاھىيەسىنى ئالدىدىن تەييارارپ، يىللىق مالىيە دۆكىلاتىدا ھەيئەتلەر مەجلىسكە سۇنىدۇ.

24- ماددا: تەلىم – تەربىيە بۆلىمىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- تەلىم – تەربىيە بۆلۈمى، ئۆزساھەسىدە بىلىم ۋە تەجرىبە ئىگىسى بولغان، ئىنسان يىتىشتۈرۈش كەسپىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ.

2- تەلىم – تەربىيە بۆلۈمى  ئومۇمىي پىلان – پروگرامما تۈزۈشتە، ئىلى مەشرەپنىڭ يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىدۇ.

3- ئىلى مەشرەپ  قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا ماددى ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولىدۇ.

4- ھەيئەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن، تەلىم – تەربىيە توغرىسىدا ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا تەپسىلى نىزامنامە يېزىپ چىقىلىدۇ.

25- ماددا : شەرئىي مەسئۇلنىڭ ھوقۇق ۋه مەجبۇرىيەتلىرى

مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ شەرئىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئەزالارنى شەرئىي شەكىلده يېتەكلەش، دىنى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش، تەلىم-تەربىيه ۋه تەبلىغ پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەزالارنىڭ نىكاھ، تالاق، دەۋا ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمده ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىش.

26- ماددا: تىجارەت بۆلۈمىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- تىجارەت بۆلۈمى ئۇزۇن يىللىق تىجارەت تەجرىبىسىگە ئىگە، مىللەت ئىچىدە  «ئىشەنچىلىك تىجارەتچى» دەپ تونۇلغان، ئۆز ساھەسىدە غەلبە قىلغان، ئۆتكۈر ئەقىللىق كىشىلەردىن تەشكىللىنىدۇ.

2- تىجارەت بۆلۈمى ئومۇمىي پىلان – پروگرامما ئىشلىرىدا مەشرەپنىڭ  مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

3- ھەيئەتلەر مەجلىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن، تىجارەت توغرىسىدا ئەمىلى ئەھۋالغا قارىتا تەپسىلى نىزامنامە يېزىپ چىقىلىدۇ.

4- مەشرەپ تىجارەت ئىشلىرىنى، ھەرۋاقىت قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.

27- ماددا: تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- تەنتەربىيە توغرىسىدا بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولغان، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىزىقىدىغان كىشىلەردىن ھەيئەت تەيىنلىنىدۇ.

2- تەنتەربىيە ھەيئەتلىرى تەنتەربىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل تەنتەربىيە ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ، ھەر ساھەدە تەنتەربىيە كوماندىلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

3- تەنتەربىيە توغرىسىدا تەنتەربىيە ھەيئەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن، ئەمىلىي ئەھۋالغا قارىتا تەپسىلى نىزامنامە يېزىپ چىقىلىدۇ.

28- ماددا: بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- بىخەتەرلىك بۆلىمى- بىخەتەرلىك بۆلىمىنىڭ مەسئۇلىنى، ئىدارە ھەيئىتىدىكىلەر بىلىدۇ، قالغان خادىملار يىگىت بېشىدىن باشقا كىشىلەردىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ ۋە ھەرۋاقىت مەخپى قالىدۇ.

2- بۇ بۆلۈم پەقەت يىگىت بېشىغا باغلىق خىزمەت قىلىدۇ.

29- ماددا: تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1- بارلىق بۆلۈملەرنىڭ نىزامنامىغا ۋە مەشرەپنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلمىشلىرى بار- يوقلىقىنى تەپتىش قىلىش.

2- يىگىت بېشى ۋە ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ھەركىتى، نىزامنامىغا ۋە ۋەخپىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ قالسا، ئۇلاردىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش، ئەگەر تۈزەتمىسە بىر ھەپتە ئىچىدە مەجلىسنى چاقىرىش ۋە مەسىلىنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش.

3- خالىغان ۋاقىتتا مەشرەپنىڭ  مالىيىسىنى تەكشۈرۈش، خاتالىق كۆرۈلسە، تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش، سەمىمىيلىك بىلەن تەپتىشنى قۇبۇل قىلمىسا، مەجلىسىگە يازما شەكىللىك مەلۇمات بېرىش ۋە مەسىلە ھەل بولغىچە كۆزىتىش.

4- چىقىملارنى تەكشۈرۈپ خاتالىق، ئىسراپچىلىق بار- يوقلىقىنى تەپتىش قىلىش.

5- يۇقىرىقى بۆلۈم ۋە شەخىسلەردىن قايسى بىرى تەپتىشنى قوبۇل قىلمىسا، تاكى مەسىلە ھەل بولغىچە، ئىشنىڭ كەينىگە چۈشۈش ۋە ھەرخىل ھېكمەتلىك يوللار بىلەن  ھەل قىلىش.

6- بىر قىسىم كىشىلەردە تەكرارلانغان خاتالىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەجلىسكە جازا تەكلىپى، جازا شەكلى ۋە جازا مىقدارى توغىرىسىدا پىكىر بېرىش.

30- ماددا : ئىجرائيە بۆلۈمنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇريەتلىرى

1- ئىجرائىيــه ھەيئىتىنىــڭ مەســئۇللۇقىنى ئىــدارە ھەيئىتــى ئىچىدىــن بىــر كىشــى ئۈســتىگه ئالىــدۇ.  ئىجرائىيــه ھەيئىتــى ئەزالىــرى ئىــداره ھەيئىتــى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.

2- ئىجرائىيــه ھەيئىتــى ئەزالىــرى ھــەر دائىــم 24 ســائەت خىزمەتكــه تەييــار، پىــداكار، مەســئۇلىيەت تۇيغۇسـى كۈچلـۈك، تـەن سـالامەتلىكى ۋه تۇرۇۋاتقـان ئورنـى خىزمـەت قىلىشـقا مۇۋاپىـق كېلىدىغـان كىشىلەر بولۇشـى كېرەك.

3- ئىجرائىيــه ھەيئىتــى ئىلى مەشرەپ  تەرىپىدىن قارار قىلىنغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىدۇ.

4- ئىجرائىيـه ھەيئىتـى ئىجـرا قىلىـپ بولغـان خىزمـەت دوكلاتىنــى ئىــداره ھەيئىتىگــه ســۇنىدۇ، شــۇنداقلا ئىجـرا قىلىنمىغـان خىزمەتلەرنىـڭ سـەۋەبىنىمۇ ئىـداره ھەيئىتىگە دوكلات قىلىدۇ.

5- ئىجرائىيـه ھەيئىتـى ئەزالىرىنىـڭ خىزمـەت ئۆتـەش مۇددىتــى ئۈچ  يىــل بولىــدۇ. خىزمــەت مۇددىتــى جەريانىــدا خىزمــەت ھۆددىســىدىن چىقالمايدىغــان بولــۇپ قالســا، ياكــى مەسئۇلىيىتســىزلىكى بايقالســا، ئىــداره ھەيئىتــى تەرىپىدىــن مۇددەتتىــن بــۇرۇن ئالماشتۇرۇلىدۇ.

31- ماددا: سايلام ھەيئىتىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇريەتلىرى

ســايلام ھەيئىتــى ئىلى مەشرەپنىڭ  ســايلام ئىشــلىرىنى پىلانلايــدۇ، تەرتىپلەيــدۇ، ســايلامنىڭ ئادىــل بولۇشــىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە سايلامغا رىياسەتچىلىكنى قىلىدۇ.

 

تۆتىنچى باب: ئەزا قوبۇل قىلىش

 

32- ماددا : ئەزا قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتلىرى

1- ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ئەھلى سۈننەت يولىدا ماڭىدىغان بولۇشى .

2- مەشرەپكە ئەزا ئىككى كىشىنىڭ كېپىللىكى بولۇشى.

3- ئىلى مەشرەپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئەزالىق جەدۋىلىنى تولدۇرۇش ۋه ئايلىق بەدەل پۇلىغا توغرا كۆز قاراشتا بولۇش.

4- يېش 18 ياشتىن ئاشقان، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇش.

33- ماددا: مەشرەپ  ئەزالىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلىرى بار

1- مەشرەپنىڭ يىگىت بېشى ۋە ھەيئەتلەرنى سايلاش ۋه سايلىنىش ھوقۇقى، 2- ئاۋاز بېرىش ۋه ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى، 3- مەشرەپ نامىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگه قاتنىشىش ھوقۇقى، 4- مەشرەپنىڭ ئىمكانلىرىدىن ئالدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى، 5- پىكىر-تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى، 6- مەشرەپنىڭ خىزمەت ۋه پائالىيەتلىرىنى بىلىش ھوقۇقى، 7- باشقا  قېرىنداشلىرىمىزنى ئەزالىققا كۆرسىتىش ھوقۇقى، 8- مەشرەپتىن چېكىنىش ھوقۇقى.

3- ماددا: مەشرەپ  ئەزالىرىنىڭ تۇۋەندىكىدەك مەجبۇرىيەتلىرى بار

1- مەزكۇر نىزامنامىگه ئەمەل قىلىش.

2- مەشرەپنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش.

3-مەشرەپنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، مەشرەپنى ئۆز ئائىلەم دەپ بىلىش، بىر-بىرى بىلەن بولغان ئىتپاقلىقنى ساقلاش ۋە قىرىنداشلىقنى كۈچەيتىش.

4- مەشرەپ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش، زىيانلىق گەپ – سۆز، ئىش-ھەرىكەتتىن ساقلىنىش، مەشرەپنىڭ  مەخپىيەتلىكلىرىنى ساقلاش.

5- بەلگىلەنگەن ئەزالىق بەدەل پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش (بەدەل پۇلى تۈركىيەدىكى قىرىنداشلىرىمىز ئايدا 50 تۈرك لىراسى، چەتئەلدىكى قىرىنداشلىرىمىز ئايدا 15$ ئامېرىكا دوللىرى).

6- مەشرەپنىڭ يىغىنلىرىغا ۋاقتىدا تولۇق قاتنىشىش، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كېلەلمەيدىغان بولسا كاتىپتىن رۇخسەت سوراش.

7- ئەزالىقتا ئەڭ ئاز دېگەنده بىر يىل داۋام قىلىش.

8- ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ قارارى بويىچه، ئەزالار ھەر ئايدا بىر قېتىم، چوڭ كۆلەملىك، ئائىلە بويىچە، يىلدا ئاز دېگەنده بىر قېتىم يېغىلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يېغىلىشلارنىڭ تەرتىپىنى ۋه مەزمۇنىنى يىگىت بېشى ۋه ئىداره ھەيئەتلەر ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئامال بار تولۇق قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

9- يۇقۇرىقى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلمىغان ئەزا، مەشرەپ ھەيئەتلىرىنىڭ قارارى بىلەن ئەزالىقتىن چېكىندۇرىلىدۇ. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چېكىنمەكچى بولغان ئەزا شۇ ئەزالىق يىلى توشۇشتىن بۇرۇنقى بىر ئاي ئىچىده چېكىنىش قارارنى مەشرەپ ھەيئىتىگه يازما شەكىلده مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئەزالىق يىلى توشۇشتىن بۇرۇن چېكىنىش قارارىنى مەلۇم قىلمىغان بولسا، ئەزالىق يىلى توشقان ھامان، ئەزالىق مۇددىتى ئۆزلىكىدىن يەنه بىر يىل ئۇزىرايدۇ.

 

2017- يىلى 11- ئاينىڭ 12 كۈنى ئىستانبۇل / تۈركىيە

بىزگە ئەگىشىڭ
بېكەت تىللىرى
ئالاقىلىشىڭ

Fevzi Çakmak, Sultan Murat Cd. No:16 D:c, 34295 Küçükçekmece/İstanbul

+90 505 558 20 17

ili.meshrep.weqpi@gmail.com

نەشىر ھوقۇقى © ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپىگە مەنسۇپ