ili.meshrep.weqpi@gmail.com

|

+90 505 558 20 17

18
يانۋار

مەشرەپنىڭ مەنىسى ۋە قائىدە تۈزۈملىرى

مەشرەپ دېگەن سۆز ئەرەپ تىلىدىكى «ئىچمەك» دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، سۆز يىلتىزى «شۇربۇن» ئىچىدىغان يەر دېگەن مەنىدە. ئىستىلاھى يەنى قوللىنىشىچان مەنىسى بولسا، مەشرەپ ئەھلىنى ئەنئەنىۋىي تەلىم-تەربىيە بىلەن تەربىيەلەش، ئاممىۋى سورۇنلاردا قانداق ئولتۇرۇپ قوپۇشنى ئۆگىتىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى دېگەن مەنىلەردە كەلگەن. دەۋرىنىڭ تەقەززاسى بىلەن بەزىدە «ئوتتۇز ئوغۇل» دىگەن ئۇقۇملارنىمۇ بېرىدۇ.
مەشرەپ قۇرۇلمىسى:
1- مەشرەپ بېگى(يىگىت بېشى):  يىگىت بېشى نامزاتلىقىغا يۇرت ئىچىدە ئابرويلۇق،ئوقۇمۇشلۇق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تەمكىن يەنى ئۆزىنى توختاتقان، كۆكسى-قارنى كەڭ، كۆزى توق، ئادالەتنى ياقىلايدىغان، ھوشيار، تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقۇرى كىشى تاللىنىدۇ. مەشرەپ بېگى مەشرەپنىڭ ئومۇمى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
2- مەشرەپ قازىسى(قازىبەگ):  قازىبەگ بولسا يۇرت ئىچىدە دىنى مەلۇماتى يوقۇرى، شەرىئەت ئەھكاملىرىغا پۇختا، ئىسلامغا سادىق، يۈز خاتىرە قىلمايدىغان، ئادىل، ئۆز كۆمچىگە چۇغ تارتمايدىغان بولۇشى شەرت بولۇپ، دىن بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كۈلتۈرىنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ كىشى تاللاپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولسا مەشرەپ ئاقساقاللىرى ۋە يېگىت بىشىنىڭ نازارىتى ئاستىدا، مەشرەپ نىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتكەن، مەشرەپنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن شەخسلەرگە يۇمۇرستىك جازا ھۆكۈم كىسىپ، مەشرەپنىڭ كەيپىياتىنى يوقۇرى كۈتۈرۈش.
 3- مىرشاب(پاششاب): مىرشاب ۋەزىپىسىگە بولسا خوش پىچىم، زېرەك، پائالىيەتچان، يۇمۇرستىك، بېيت-قوشاققا باي، ئازنى كۆپكە تابىئى قىلالايدىغان قابىلىيەتلىك، روھى-شىجائىتى ئورغۇپ تۇرىدىغان كىشى تاللىنىپ تەيىنلىنىدۇ. مىرشاپنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، مەشرەپ قازى بېگىنىڭ جازا، ھۆكۈم-پەرمانلىرىنى ھەر خىل قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئىجرا قىلدۇرۇپ، سورۇندا قىزىقچىلىق پەيدا قىلىپ، كەيپىياتنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ دەرت-شىكايەتلىرىنى يىگىت بېشىغا چەبدەسلىق بىلەن توغرا يەتكۈزۈش، مەشرەپنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈزەتكۈچىلىك رولىنى ئويناش، ھەتتا مەشرەپتە بۇزۇپ-چىچىشنىڭ يەنى ئىسراپخورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاددى-ساددا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش. مىرشاپنىڭ ئىجراغا ياردەمچى بولىدىغان بىر نەچچە ئادىمى بولىدۇ، ئۇنى مىرشاپ ئۆزى خەلق ئىچىدىن تاللايدۇ.
4- ئاقساقاللار: مەسلىھەت كېڭىشىدىكى موھىم كىشىلەر بولۇپ، يورت ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەر تاللىنىدۇ. مەشرەپنىڭ ئومۇمى ئشلىرىغا مۇپەتتىشلىق قىلىدۇ.
  5- ئوتتۇز ئوغۇل: ئوتتۇز ئوغۇل مەشرەپكە داۋاملىق قاتنىشىپ كىلۋاتقان كىشىلەر.
مەشرەپ ئورنى:
ئورۇن مۇناسىۋىتى بىلەن مەشرەپ ئاساسەن ئايۋان مەشرىپى، دالا مەشرىپى، ھويلا - ئارام مەشرىپى، ئۆي مەشرىپى، ھېيت-بايرام مەشرىپى، توي مەشرىپى قاتارلىقالرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ .
1-مەشرەپ تۈر جەھەتتىن: چوڭلار مەشرىپى، ياشلار مەشرىپى، بالىلار مەشرىپى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ.
2- مەشرەپنىڭ جارى بولۇشى : 
1) مەشرەپ ئۆتكۈزۈش ئاساسەن ئىختىيارى ئېلىپ بارىدۇ. مەشرەپ يۇرت ئىچىدە نۆۋەت بويىچە  ئىختىيارى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى خارەكتىرلىك كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتى بولۇپ، مەلۇم شەخس ياكى كوللېكتىپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ  ئاقساقاللار مەجلىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈنى بېكىتىلىدۇ. باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان مەشرەپ ھەرگىزمۇ يۈز-ئابروي، باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىمايدۇ. ئەمما ئىلتىماس قىلغان كىشىنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ مەشرەپ ئۆتكۈزپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولۇشى شەرت قىلىندۇ.
2) ۋاقىتنى بىكىتىشتىكى خاسلىقى. مەشرەپ ئاساسىي جەھەتتىن يۇرت ئىچى،مەھەللە- يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىغا توغۇرلىماي،  بىر ئاز قولى بوشىغان ۋاقىتلارغا توغۇرلايدۇ، مەيلى كۈندۈزى بولسۇن ياكى كەچتە بولسۇن مۇۋاپىق كېلىۋىرىدۇ.
3) مەشرەپ ئورۇنىنى تالالشتىكى خاسلىقى. مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى  بولغان شەخس ياكى كوللېكتىپ شارائىتىگە قاراپ ئورۇن بېكىتىدۇ. مەشرەپ ئۆي ئىچى، ھويلا-ئارام، ئايۋان-ساراي، باغ-ۋاران ياكى دالىلاردا ئۆتكۈزۈلدۇ. سورۇن تاللاشتا ساھىپخان ئۆزىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. قىش پەسلىدە ئۆي ئىچى ياكى ئايۋان-سارايلاردا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گورۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئۆتكۈزۈشكە ئىھتىياج چۈشۈدۇ.
4) مەشرەپكە قاتناشقۇچىلارغا چەك قويۇلمايدۇ. مەھەللە-يېزىدىكى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ مەشرەپكە قاتنىشىش ھوقوقى بار بولۇپ، مەشرەپ ئىمتىيازلىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنىدۇ. بەك كىچىك نارسىدىلەرنىڭ قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ. بۇ مەشرەپنىڭ ئىجتىمائىلىقىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

مەشرەپگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق يۇرت-جامائەت مەشرەپكە قاتناشسا بولىدۇ. مەشرەپ كۆلىمىنىڭ چوڭ -كىچىكلىكىگە قاراپ قاتناشقۇچىلار پەرقلىق بولىدۇ. مەشرەپ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك بولىشى، كىملەرنىڭ ئۆتكۈزگەن بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ،كىشىلەر مەشرەپكە بېرىشنى مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى دەپ بىلىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر مەشرەپ ئولتۇرۇشىدىن ئەدەپ- ئەخلاق ، قائىدە- يۇسۇن، يۇرتنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۈگەنسۇن دەپ، مەشرەپ ئاقساقاللىرىغا ئىلتىماس قىلىپ، بالىلارنى مەشرەپكە كىرگۈزۈپ قويىدۇ.
3- مەشرەپ مەزمۇنى:
 مەشرەپ ئاساسلىقى تەلىم-تەربىيەنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، يۇرتنىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرى دىنىي ساۋات، ئەخلاق، ئۆرۇپ ئادەت ،ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرى،ئىش قىلغاندا ئىنساپلىق بولۇش،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، مىزان-تارازىنى توغرا تۇتۇش قاتارلىق ئۈگۈتلەرنى زېرىكمەي-تېرىكمەي پەندە-نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەشرەپ بىر خىل ئۇنىۋىرسال ئاممىۋى خارەكتىرلىك پائالىيەت بولۇپ، ۋەز ئېيتىش، ئىلمى يۇسۇندا ناخشا-قوشاق ئېيتىشىش، مەدداھلىق، يۇمۇر-لەتىپە، لەپەر، چاخچاق ۋە ياخشى ئىشلارنى مەدىھلەيدىغان،ناچار ئىشلارنى قامچىلايدىغان قىسقا ئىخچام تىياتىرلار ئورۇنلىنىدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەر خىل نومۇرلارنى ئېلىپ چىقىپ، مەشرەپكە گۈل كەلتۇرىدۇ. مەشرەپتە يەنە ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ۋە باشقىلارنىڭكىنى ئۆزلەشتۈرگەن نومۇرلارمۇ ئورۇنلىنىدۇ.  شەرتى مەزمۇنى ساغلام، مەشرەپ ئەھلىگە ئىجابى زوق ئاتا قىلالايدىغان بولۇشى تولىمۇ مۇھىم.
4- مەشرەپنىڭ ئىجرا بولۇشى :
 ۋاقتى مۇشۈ ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئورنى بولسا ياپ- يېشىل چىملىق، ئەتراپى دەل-دەرەخلەر بىلەن ئورالغان يەر.
يىگىت بېشى تۆردىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئوڭ تەرىپىدە قازىبەگ، يۇرت ئاقساقاللىرى قاتارلىقلار،سول تەرىپىدە ئەل ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن باي-تىجارەتچىلەر ۋە ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئورۇن ئالغان. ئالدى بىلەن يىگىت بېشى ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە سالام بېرىپ، ئاندىن مۇنداق سۆز باشلىدى: ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى، مەلۇم بولغىنىدەك ھەممىمىز خاتىرجەم، ئامان-ئېسەن ياشاۋاتىمىز، ئەلھەمدۇلىللاھ! بۇمۇ مۇشۇ ئولتارغان خەلىقپەرۋەر، ۋەتەنسۆيەر جامائىتىمىز ۋە مېلى ۋە جېنى بىلەن خىزمەت قىلۋاتقان  ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ سىخىلىقىدىندۇر. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئادالەت بىناسىنى راستچىلىق، ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇپ، يۇرتىمىزنى دەۋر-دەۋرانىلەرچە سۈرۈپ بۈگۈنگە ئېلىپ كەلدى. مەجلىس ۋە سۆھبەتلەر ئىلىم ئەھلى شۇنداقلا دانىشمەنلەردىن ئايرىلىپ قالمىدى. ئۆزى شەۋكەتلىك، ھۆكىمى ھېكىمەتكە مۇۋاپىق،  تەدبىر-پاراسەت يوسۇنى بويىچە يۇرت سوراپ، نامىنى جاھانغا تاراتتى. ئەجداتلىرىمىز يەنە ئۇلۇغلارنى، پازىللارنى ۋە ھۆكۈمدارلارنى مەشرەپكە مايىل قىلىپ، جاھىل، غاپىل ۋە يامان تەبىئەتلىكىلەردىن ھوشيار بولدى. ئومومەن مەشرەپنىڭ تەسىرى تولىمۇ چوڭقۇر. ياخشىلارنىڭ سۆھبىتى (ئەتتىر،خۇشبۇي) نەرسىلەرنى ساتقۇچى مەسەللىكتۇر. گەرچە سېتىپ ئالمىسىمۇ يېنىدىن ئۆتسە، خۇشبۇي ھىدىدىن بەھرىمان بولىدۇ. يامانلارنىڭ سۆھبىتى تۆمۈرچى مەسەللىكتۇر. گەرچە تۆمۈرچىنىڭ ئوتىنى تۇتمىسىمۇ، بازغان ئۇرغاندا، سەندەلدىن چاچىرىغان چىرپىندىلار كىيىم-كىچەكنى ئۆتمە-تۈشۈك قىلىۋىتىدۇ. كونىلار «ئاۋام خەلق ئەقىل تاپمىغى كېرەكتۇر،ئەقىل تەجىربىلەرگە مۇھتاجدۇر، چۈنكى تەجرىبە ئەقىلنىڭ ئەينىكىدۇر، ھەر ئىشنىڭ كامالى-تەدبىرىنى تەجرىبە قىلىپ بىلگىلى بولىدۇ» دېگەن.  ھاسىل كالام باشقىلاردىن نەسىھەت ئالغان ئادەم سائادەت تاپۇر. يامان ئىللەتلەرنى يوق قىلمىغۇچە يۇرتتا ئامانچىلىق بولمايدۇ. يامانلىق ۋە يامان ئادەم «ئوغرى قاراقچى، ھەسەتخور، تۆھمەتخور، زىناخور، ھاراقكەش، تەپرىقىچى» دېگەنلەر يوقىتىلمىسا ياكى تۈزۈتىلمىسە، ئۇ ئەلدە، شۇنداقلا ئۇنداق ئائىلىدە ئامانلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەرىكەت بولمايدۇ، دەپ سۆزىنى تۈگىتىپ قازىبەگنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
قازىبەك : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت، مەشرەپ ئەھلى تىنچ ئامان تۇردۇڭلارمۇ؟ كەلگەن ھەربىر قەدىمىڭلار ئۈچۈن ئەجىر ساۋاپقا ئىرىشكەيسىلەر. ئالدى بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئاندىن ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستافا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن بىرگە بىر ھەدىس شەرىفنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بىر ھەدىس قۇددۇسىدا «شەك شۈبھىسىزكى ئاللاھ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى يېزىۋەتتى» دەپ، ئۇنى مۇنداق بايان قىلدى: كىمىكى بىر ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى قىلالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدا ئۇنىڭغا كامىل بىر ياخشىلىق قىلغاننىڭ ساۋابىنى يازىدۇ.

ئەگەر ئۇنى نىيەت قىلىپ، ئاندىن ئۇنى ئەمەلىيەتتە قىلسا ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون ھەسسىدىن يەتمىش ھەسسىگىچە ياخشىلىقنىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ. ئەگەر ئۇ بىر يامانلىقنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئەمەلىيەتتە ئۇنى قىلمىسا، ئاللاھ ئۆز دەرگاھىدا ئۇنىڭغا كامىل بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ. ئەگەر ئۇنى نىيەت قىلىپ، ئاندىن ئۇنى ئەمەلىيەتتە قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر يامانلىقنىڭ گۇناھىنى يازىدۇ. جامائەت ياخشى ئىش قىلىشقا ئالدىرايلى دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.
مىرشاب : مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ توختىدى. قولىدىكى پالاقنى ئۆتىكىنىڭ قۇنچىغا ئۇرغاچ ئەتراپقا قاراپ مەشرەپ ئەھلىگە بىر قۇر سەپ سېلىپ، مەيداننى چەبدەسلىك بىلەن بىر ئايلىنىپ  بۇيرۇق كۈتكەن كوماندىردەك شۈك تۇردى ۋە  يىگىت بىشىغا قارىدى. يىگىت بېشى ئەل-نەغمىچىلەرنى مەيدانغا كىرسۇن دەپ ئىشارەت قىلدى.
 مىرشاب : «مەشرەپ رەسمى باشلاندى، ئەلنەغمە سازەندىلىرىمىز مەيدانغا ھازىر بولسۇن» دەپ يۇقۇرى ئاۋازدا توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن نەغمە-ناۋالار باشلاندى. 15 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ يىگىتلەر زوق-شوخ بىلەن ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.
يىگىت بېشى: «ئەمدى يۇرت ئىچىدىكى ئەرز شىكايەتلەرنى ئاڭلايلى» دېدى، يىگىت بېشى ئورنىدىن تۇرمايلا.
مەشرەپ ئەھلىدىن بىرى، ئاقساقاللارنىڭ بىرىگە نېمىلەرنىدۇر پىچىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاقساقال مەشرەپ بېگىدىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن گېلىنى قىرىپ گەپنى باشلىدى: ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى، قەدىرلىك يۇرتداشلىرىم، كەمىنەدىن ھەممىڭلارغا سالام ۋە ئالى ئىھتىرام بىلدۈرىمەن. يۇرتنىڭ ئاقساقىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى جاكارلايمەن، ئارىمىزدىكى تۇل-خوتۇن، يېتىم بالىلار يېقىندىن بېرى ھىمايىسىز، ھال ئەھۋال سورالماي نەزەردىن يىراق قالغانمىش. بۇ سەۋەپتىن ئالدى بىلەن مەن ئۆزۈمنى تەكشۈرىمەن. شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى يىگىت بېشى باشلىق مەشرەپ كولېكتىۋىنىڭ جىددى ھەل قىلىشىنى سورايمەن دېدى.
يىگىت بېشى: ناھايىتى تەئەججۈپلەنگەن ھالدا ئورنىدىن تۇردى ۋە بىر ئاز ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ مۇراجىئەت قىلدى. ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى تۇل- خوتۇنلار بىزنىڭ ئىپپەت-نومۇسىمىز بۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بوينىمىزنىڭ بۇرچىدۇر. يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى داۋامالشتۇرۇش، بىزنىڭ مەسئۇلىيتىمىز، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىمىزنىڭ كاپالىتى. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى بىر يېتىمنىڭ بىشىنى سىلىسا، ئۇ جەننەتتە مەن بىلەن قوشنا بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمايلى يۇرتداشلار دەپ ئەتراپقا باقىدۇ. ھايال ئۆتمەي باي نامى بىلەن مەشھۇر بولغان يىقىندىلا ھەج پائالىيىتىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن باي ھاجى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدى بىلەن جامائەتكە سالام بېرىپ، يىگىت بېشىغا قاراپ ئىجازەت سورايدۇ :  يىگىت بېشى ئىجازەت قىلسا، مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلغان بولسام؟
 يىگىت بېشى: قېنى باي ھاجىم ئىجازەت .
 باي ھاجى: ئۇيالغان ۋە بىر جىنايەتنىڭ جاۋاپكارىدەك ھالەتتە ئالدىرماي سۆزلەشكە باشلىدى. يۇرتداشلىرىمغا مەلۇم، ھەر قايسىلىرى بىلەن رازىلىشىپ، يەلكىمىزدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش نىيىتىدە ھەرەمگە يولغا چىققان ئىدىم. يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ماڭا تەۋە تۇل-خوتۇن، يېتىم ئوغۇل-قىزغا بىر قانچە ئايلىق راسخۇت ۋە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ ھازىرلاپ بەرگەن ئىدىم. ئەپسۇس سەپىرىم بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۈزراپ قالدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ قارانلىرىم ھىمايىسىز قاپتۇ. تىز پۇرسەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋىتىمەن. ھەم بۇ قېرىنداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، دەيدۇ ۋە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا بىر قۇر نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئەگەر يىگىت بېشى ۋە مەشرەپ ئەھلى مۇۋاپىق كۆرسە،ئەتە بامدات نامازنى ئوقۇپ بولۇپ مېنىڭ كۈلبەمگە زىيارەتتە بولسا، ھەرەمدىن زەمزەم ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرنىڭ خورمىلىرىدىن ئالغاچ كەلگەن، باش-بۇرنىغا ئېغىز تېگىپ بەرگەن بولسا، دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇردى.
 كۆپچىلىك بىر ئېغىزدا مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن ھەجلىرى قوبۇل بولغاي ئىلاھىم دىيىسسە ئارىدىن بىرى تۇرۇپ، «باي ھاجىم بىر قانچە ئاينىڭ ياقى، مايلىق پولۇلىرىنى يىيەلمەي گاللىرىمىز يېڭى ھەيدەپ تاشلىۋەتكەن ئاقتامدەك بولۇپ كەتتى. زەمزەم خورما بىلەنلا بولدى قىلماسمىز ھە؟» دەپ قىزىقچىلىق قىلدى. كۆپچىلىك پاراققىدە كۈلۈشتى.
 مەيداندا يەنە مىرشاب پەيدا بولدى.
مىرشاب: ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ياشلىرىمىز بىر يۈرۈش نۇمۇرلارنى تەييارلاپ كەپتۇ. كۆپچىلىككە سۇنۇش ئۈچۈن تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ، دەپ مەشرەپ بېگىگە قارىدى.

مەشرەپ بېگى: قېنى ياشلار تالانتىنى نامايەن قىلسۇن دېدى.
 مىرشاب: قېنى ئەمسە ياشلار سەھنىگە مەرھەمەت.
ياشلار ئالدى بىلەن ساما ئۇسۇلىنى ئوينىدى، ئاندىن قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ ئاخىرىدا نازىركۇم بىلەن ئاخىرلاشتۇرپ، سورۇندا گۈلدۈر-قاراس قىلىشىپ مەيداندىن ئايرىلدى. نازىركۇم ئويناش جەريانىدا بىر ياش توكۇرنى دوراپ مېڭىپ، بىر تۇكۇر كىشى بىر چەتتە ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھەييارلىق قىلىپ، مايماق دەسسەپ كۆزىنى قىسىپ قويغان ئىدى. توكۇر كىشى دەررۇلام بۇ چاقچاقنى ئۆزىگە ئېلىپ مەھكىمىگە شىكايەت قىلدى.
مىرشاب: ھۆرمەتلىك جامائەت بۇ قىرىندىشىمىز، ھىيتەمنىڭ مېڭىشىنى مەسخىرە قىلغىننى شىكايەت قىلىپ، ئەل-جامائەت ئىچىدە ئىزا -ئاھانەتكە قالغانلىقىنى دەۋاتىدۇ، قازى بەگ باشلىق مەھكىمە بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن.
قازى بەگ : جامائەت ئاگاھ ۋە دانا بولۇڭلاركى،باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش گۇناھتۇر. بولۇپمۇ مىيىپلارنى جامائەت ئالدىدا ئىزا تارتقۇزۇش تېخىمۇ يامان ئىش. شۇڭا مەھكىمە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئۇنى تۆۋبە قىلدۇرۇپ ئاندىن يۈز كۆزىگە قازاننىڭ قارىسىنى سۇۋاپ، قوتۇر ئىشەككە تەتۈر مىندۇرۇپ، يۇرت ئىچىدە سازايە قىلىشنى مۇئاپىق كۆردى، جازا ئىجرا قىلىنسۇن!
مىرشاب: دەرھال جىنايەتچىنى ياللاپ ئېلىپ كېلىڭلار!!! دىدى.
جازانى ئىجرا قىلىپ تۇرشىغا مەشرەپ ئارسىدىن بىرى تۇرۇپ «دات مەشرەپ بىگى مىنىڭ ئەرزىم بار» دېدى.
مەشرەپ بېگى: ھە قىنى ئەرزىڭنى ئېيت، دەردىڭگە دەرمان بولىمىز دېدى.
 ئەرىز قىلغۇچى: ئىمىنتاينىڭ ئوغلى تۇرسۇنتاي، بېشىمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، پۇتۇمنى قاتتىق دەسسىۋەتتى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، كەچۈرۈم سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەمگە پۇتلاشماي بىر تەرەپتە ئولتۇرساڭ بولمامدۇ، دەيدۇ.
مىرشاب : مەشرەپ بېگىنىڭ كەسكىن بىر قارار بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
مەشرەپ بېگى: ئىمىنتايىنىڭ ئوغلى تۇرسۇنتاينى دەرھال سورۇنغا ئىلىپ كېلىڭلار!!
مىرشاب: تۇرسۇنتاي دەرھال ئېلىپ كېلىنسۇن !!!
ئىككى قاراۋۇل يىگىت تۇرسۇنتاينى كۆتۈرگەندەك، قولتىقىدىن يۆلەپ ئىلىپ كىلىدۇ. ئەمما تۇرسۇنتاي ھىچنىمىدىن خەۋرى يوق ئادەمدەك، ئۇياق بۇياققا قاراپ تۇرىدۇ.
يېگىت بېشى: خوش، تۇرسۇنتاي ئوغلۇم سىنىڭ بۇ قىلغىنىڭ ياخشى بولماپتۇ. بۇ مەشرەپ قائىدە-تۈزۈملىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھەم باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش گۇناھ. تۇرسۇنتاي تېخىمۇ ھەيران بولۇپ ئەتراپقا سىنجىلاپ بىرسىنى ئىزدىگەندەك پەرۋاسىز تۇرۇپلا قالىدۇ. يىگىت بېشى ئاۋازىنى بىرئاز يۇقۇرى كۆتۈرۈپ تەكرارلايدۇ.
 تۇرسۇنتاي: نېمە مەشرەپ، نېمە گۇناھ ئىكەن ئۇ، مەن بىلمىسەم دەپ، تىرنىقىنى تاتلاپ تۇردى.
مەشرەپ ئەھلى ھەيرانۇھەس قالدى…. ئازراق سۈكۈتتىن كېيىن. يېگىت بېشى بىرنەرسىنى ئىسىغا ئالغاندەك بولۇپ، تۇرسۇنتاينىڭ دادىسى ئىمىنتاينى دەرھال ھوزۇرغا كەلتۈرۈڭلار دېدى. چەبداس مىرشابنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىمىنتاي مەشرەپكە ھازىر بولدى.
ئىمىنتاي: خوش تەقسىر، مەشرەپ بېگى ۋە مەشرەپ ئەھلى نېمە ۋەجىدىن مېنى بۇيەرگە ئېلىپ كىلىشلىكىن؟
يىگىت بېشى: ئىمىنتاي ئۇستا سىز مەشرەپنىڭ پۈتۈن ئەلمى-تەلمىنى بىلىپ چوڭ بولغان تۇرۇپ، نېمىشقا بالىڭىزغا قائىدە-يوسۇن ئۈگەتمىدىڭىز ۋەھالەنكى بالا چوڭ بولۇپ ئاللىقاچان يىگىتلىق يىشىغا يېتىپتۇ. نېمە دەپ مەشرەپ جامائىتىگە قاتمىدىڭىز؟
ئىمىنتاي: باللىرىم ئۇششاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتلاق مەھەلىگە يىراق بولغىنى ئۈچۈن ئوغلۇمنى مال باققۇزۇشتىن باشقا ئىشقا يارىغىدەك قىلالمىدىم، ئەيىپ مەندە ئوتتۇز ئوغۇل، دەپ يەرگە قاراپ تۇردى.
ئەمدى ھۆكۈم مەھكىمىگە قالدى.
قازى بىگى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئەھلى جامائەت كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ئەخلاق ۋە تەلىم-تەربىيە ئىنساننىڭ ئىنسانلىق تاجىدۇر. ئەگەر ئىنسان تەلىم-تەربىيەسىز قالسا، ئۇنىڭ چاھارپايدىن ھىچ پەرقى بولمايدۇ. ئوغلىمىز تۇرسۇنتاي بۇ تەربىيەلەردىن خەۋەرسىز قالغانلىقى ئۈچۈن ئادەمگە ھايۋانغا مۇئامىلە قىلغاندەك قىپتۇ، بۇندىن كېيىن، تۇرسۇنتاينى مەشرەپكە ئېلىپ كېلىپ تەربىليەلەش بىزنىڭ بۇرچىمىز. ئەمما ئىمىنتاي ئۇستىغا كەلسەك مەھكىمە ئۇنىڭغا جازا بىرىدۇ. ئاندىن ئاقساقاللار بىلەن مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن مۇنداق جازا يۈرگۈزىدۇ. ئىمىنتاي قىلمىشىغا تۆۋبە قىلىپ، يىرىم يالىڭاچ قىلىنىپ تامغا رەسىمى چۈشۈرلۈپ ئىبرەت قىلىپ يولغا سېلىنسۇن!!!
مىرشاب جازانى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، قولىدىكى پالىقىنى پۇلاڭلىتىپ، يالت-يۇلت قىلىپ ئەتراپتىكىلەرنى تىنچلاندۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يىگىت بېشى ۋە مەشرەپ ئەھلى سورۇنىمىز ناھايىتى ياخشى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇل بىردەم جامائەتنى كۈلدۇرسە دەپ يىگىت بىشىغا قاردى ،

يىگىت بىشى: قىنى ئەمسە ئوتتۇز ئوغۇل مەرھەمەت .
ئاندىن ئوتتۇز ئوغۇل ئۆز ئارا چاخچاق ۋە ئېيتىشىش (مۇشائىرە) قىلىپ مەشرەپ ئەھلىنى كۈلدۈرۈپ، ئۈچەيلىرىنى ئۈزىۋىتەيلا دەپ قالىدۇ.
مىرشاب: ئەييۈھانناس، ئاڭلىمىدىم دىمەڭلار. يۇرتىمىزدىكى يولۋاسخاننىڭ نەۋرىسى ئارغامچا بارات، گۆرساي ئېغىزىدا ئوۋ ئوۋلاپ يۈرسە بىر ئېيىق ھۇجۇم قىلغان ئىكەن، ئارغامچا بارات ھىچ ھودۇقماستىن بارغان پىتى ئېيىقنىڭ بوينىدىن قامانلاپ، يانپاشقا ئېلىپ شۇنداق يەرگە ئاتقان ئىكەن، ھۆر-ھۆر ھۆركىرەپ كەلگەن ئېيىق يەرگە غىققدە چۈشۈپ، قانجۇقتەك غىڭشىپ بىرئازدىن كېيىن جىممىدە بولۇپ قاپتۇ. ئارغامچا بارات تېرىسىنى سويۇپ ئېلىپ، تاپىنىنىڭ يىغىنى شۇلىۋاپتۇ. مانە مۇشۇنداق ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىق داستانىنى سۆزلەپ-سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ياۋنى يەكسان قىلغان، دۈشمەنگە ئەلەملىك زەربە بەرگەن تارىخىمىز ساماندەك. خەلقىمىزنىڭ بىرلىكى بۇزۇلمىسىلا دۈشمەننىڭ ھېلىسى بىزگە كار قىلمايدۇ.
مىرشاپ : قېنى ئەمسە مەشرىپىمىزنى داۋامالشتۇرساق. سەبىلىرىمىزمۇ بۈگۈنكى مەشرىپىمىزگە نۇمۇر تەييارلاپ كەلگەن ئوخشايدۇ. ئەزىزلەر سەھنىگە مەرھەمەت…ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان نۇمۇرلارنى، قىسقا ئىتوتلارنى ئورۇنلاپ، مەشرەپكە ھۆسۈن قوشتى.
مىرشاب: يىگىت بېشى، مەشرەپ ئەھلى ھىبىنىڭ بىر نەچچە يومۇر سۆزلەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ رۇخسەت قىلامدۇق؟
 يىگىت بېشى: رۇخسەت، ھىبى يۇمۇر -چاقچاققا پەيزىڭ بار جۈمۇ سىنىڭ قىنى ئەمسە.
 ھىبى بىرقانچە يومۇر-چاقچاقلار بىلەن كۆپچىلىكنى قاتتىق كۈلدۇرۋىتىدۇ.
مىرشاپ : سەھنىنىڭ ئالدىغا كىلىپ يىگىت بېشىغا قاردى، يىگىت بېشى ئەمسە مىرشاپ گۈل چاي تۇتۇش باشلانسۇن دىدى.
 مىرشاپ : گۈل چاي تۇتۇش باشلاندى دەپ جاكارلىدى. ئوتتۇز ئوغۇل بىر باشتىن بېيىت ئېتىشىش بىلەن گۈلچاينى قاتار تۇتۇپ چىقتى ۋە ئاخىردا ھېتەمگە كېلىپ توختىدى.  ھېتەم ئوتتۇز ئوغۇلغا بىر كۆڭلىنىڭ بارلىقىنى، ئوتتۇز ئوغۇلغا ئاتاپ باققان پاخلىننىڭ يوغىناپ سەمىرپ كەتكىننى دەپ بۇ قىتىمقى مەشرەپنى ئۆزىگە بىرشىنى تەلەپ قىلدى. يىگىت بېشى ۋە ئاقساقاللار مەسلەتلىشىپ كېلەر قېتىملىق مەشرەپنى ھىتەمگە ئۆتكۆزۇپ بىرشىغا قوشۇلدى .
 مىرشاپ : مەشرەپنى ھىتەمنىڭ ئالغانلىقىنى چاكارلىدى .
مىرشاب: شانۇ-شەۋكەتلىك ئوتتۇز ئوغۇل، سورۇنىمىز تەلەپكە مۇۋاپىق ناھايىتى پەيزى-بەرىكەتلىك ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەمدى نۆۋەتتىكى پائالىيىتىمىز، بۇ ئون يىل جەريانىدا ياخشى ئىش، ياخشى ھەرىكەتلەر بىلەن بولغان كوللېكتىپ ۋە شەخىسلەرنى مۇكاپاتلاش بولىدۇ. مەشرەپ ئاقساقاللىرى ۋە يىگىت بېشىنىڭ ئەستايىدىل تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە، بىر نەچچە  كىشى ۋە بىر كۇللىكتىپ تاللاپ چىقىلدى، بۇلار تۆۋەندىكىلەر:
1- ئون يىلدىن بېرى مەشرىپىمىزگە ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ مەشرىپىمىزنى ئۆزنىڭ ئائىلىسىدەك بىلىپ، تەرەقىياتىغا جان دىلى بىلەن كۈچ چىقىرىپ بىرلىك ۋە ئىتپاقلىقىنى كۈچلەندۇرۇپ كىلۋاتقان يىگىت بېشىمىزغا  «ئەلنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى»  دېگەن شەرەپلىك نام بېرىپ، تون كىيگۇزۇش قارار قىلىندى.
2- مەشرىپىمىزنىڭ قازىلىرى،  شەرئى مەسۇللىرىمىز مەشرەپ ئەھلىگە ھەر ھەپتە دېگۈدەك  ئىمانلىشىش سۆرۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەزالىرىمىزنىڭ قۇرئاننى تەجۋىتلىك ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش، ئەقىدە دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەمدە ئېتىقادىمىزغا زىت بولغان بەزى ئەمەللەرنى تۈزەپ مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ دىننى سەۋيەسىنى يۇقۇرى كۇتۈرۈش ئارقىلىق ئاقارتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كىلۋاتقان ۋە بۇ خىزمىتلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ مۇنەۋۋەر ئۈستازلارغا «شەرەپلىك ئۇستاز گۇۋاھنامىسى» تەقدىم قىلىندى.
3- مەشرەپكە ئۆزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەملەردە بولىۋاتقان مەرت ساخاۋەتچى قىرىنداشلىرىمىزغا «ئەلنىڭ ساخاۋەتچىلىرى» نامىنى بېرىش ئارقىلىق رەھمىتىمىزنى بىلدۈردۇق .
4- ياشلار تەنتەربىيە گورۇپپىمىز جەمئىيەتلەر ئارا ئۇيۇشتۇرۇلغان ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم ئارقا ئارقىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشىپ  مەشرىپىمىزگە شەرەپ قوشقىنى ئۈچۈن مەشرىپىمىز  «ئىلى مەشرەپ ياشلار پەخرلىرى» لوڭقىسىنى بىرىشنى قارار تاپتى ۋە كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرى شەرەپ تاختىسىغا يېزىلدى.
قېنى مەشرەپ ئەھلى بۇ پەخىرلىك كىشلىرىمىزگە ئاپىرىن ۋە ئالقىش ياغدۇرايلى!
مىرشاب: «گۇلگۈلىستان بولغىدەك،
              ئالەم گۈلىستان بولغىدەك.
              ياخشىلار بىر جايدا بولسا،
            چۆللەر گۈلىستان بولغىدەك.»
دېگەن قوشاقنى ئوقۇپ، ئۇنداق بولسا قەدىرلىك ۋەتەنداشلار سۆيۈملۈك مەشرەپ ئەھلى «تۈن ئۇزۇن بولسىمۇ ھامان تاڭ ئاتىدۇ» دىگەن گەپ بار. سورۇنىمىز گەرچە، زوق-شوخ، ھاياجان ئىلكىدە داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخىرقى پەيىتلىرىدە تۇرۇپتىمىز، ھەر بىرىڭلارنىڭ كەلگەن قەدىمىڭلارغا ھەشقاللاھ.

مىرشاب : مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈرۇپ مەشرەپنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىلان قىلىش بىلەن شۇنداق جاكارلايدۇ:
مىرشاب: ئەسسالامۇئەلەيكۇم يىگىت بېشى ۋە مەشرەپ ئەھلى،بۇ نۆۋەتلىك مەشرەپ پائالىيىتىمىز مۇشۇ يەردە خوشال-خورام ئاخىرلاشتى. خەيرى-خوش.
بۈگۈنكى مەشرىپىمىزنىڭ مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشىگە كۈچ سەرپ قىلغان بارلىق قىرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز . ئۇلارغا يەنە بىر   قېتىم ئوتلۇق سالام ۋە ئالى ئىھتىرام.
28.07.2024

يانۋار 18, 2025

بىزگە ئەگىشىڭ
بېكەت تىللىرى
ئالاقىلىشىڭ

Fevzi Çakmak, Sultan Murat Cd. No:16 D:c, 34295 Küçükçekmece/İstanbul

+90 505 558 20 17

ili.meshrep.weqpi@gmail.com

نەشىر ھوقۇقى © ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپىگە مەنسۇپ