تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە چاقىرىق
2025-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھىدايەت ئوغۇزخان ھەققىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ چىققانلىقىنى، ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ بىرلىكنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە قايتسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىنى ئېلان قىلدى، بۇ بايانات ۋە ھىدايەت ئوغۇزخان ھەققىدىكى بۇ مۈجمەل تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋىجدان ئىگىسى بۇلغان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قانائەتلەندۈرەلمىدى، ئەكسىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ۋە لەنىتىگە دۇچ كەلدى.
ئارقىدىنلا ھىدايەت ئوغۇزخان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ۋە سايلام ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە بۇلارنىڭ بۇرۇنلا پىلانلانغان ئويۇندىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشماقتا.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھىدايەت ئوغۇزخان سەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئوبرازىغا قاتتىق سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. ھىدايەت ئوغۇزخان مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا ئاقلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغانلىقى ۋە ئەكسىچە لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە مىللىي مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئەھمىيەت بېرىشىگە چاقىرىمىز:
1) شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە باشقا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشى ۋە مۇقەددەس مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزگە داغ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، مەيلى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدە ياكى باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنىڭ ئادىل ۋە دېموكراتىك بولۇشىنى، قوينىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇنغان چىل بۆرە ۋە تۈلكىلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزدە ھىچبىر شەكىلدە ئورۇن ئالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەم شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مىللىتىگە خىيانەتچى بىرىنى ئەمەس، بەلكى مىللەت ئۈچۈن ھەقىقىي كۆيىنىدىغان، سەمىمىي ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئۆزئارا زىددىيەت تۇغدۇرماستىن ھەمكارلىشىش ئىڭى يۇقىرى ئىقتىدارلىق بىر رەھبەرنى ئادىل رىقابەت ۋە يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن سايلام ئارقىلىق ئۆزلىرىگە رەئىس قىلىپ سايلىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمىز.
2) ئەگەر قۇلىقى يۇمشاق بىرسىنى رەئىس قىلىپ چېقىرىپ قۇيۇپ، ھىدايەت ئوغۇزخان يەنە پەردە ئارقىسىدا تەشكىلاتلار بىرلىكىنى باشقۇرۇشتەك ئويۇن ئوينايدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە، يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ لەنىتىگە ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرايسىلەر، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بۇ تۈر خاتالىقنى ھىچبىر شەكىلدە سادىر قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3) ئەگەر شەرقىي تۈركىىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا تەشكىلاتلار سۆز-ھەرىكىتىڭلاردا سەمىمىي بولساڭلار، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئىتى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ۋە دىئاسپورادىكى بارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا، قىلغان ئىشىڭلار ھەققىدە مىللەت شىكايەت قىلغاندا خەلققە ھېساب بىرىشكە ۋە ياخشىلىق ئۈستىدە ئادىل رىقابەتلىشىشتىن قاچماسلىققا چاقىرىمىز، چۈنكى بۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ھەممىمىز بىرلىكتە غەلبىگە ئېرىشتۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ھىچبىر زامان بىرلا تەشكىلات ياكى مەلۇم گوروھۋازلار پەقەت بىزلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىتايغا قارشى يالغۇز ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، بىز بۇلمىساق بۇ ھەرىكەت ئاقماي تۇختاپ قالىدۇ دەپ خام خىيال قىلمىسۇن!
تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ كەم تەرىپىنى تولۇقلايدىغان سەبداش ۋە قېرىنداش تەشكىلاتى دەپ قارايدۇ، ئەسلا دۈشمەن سۈپىتىدە قارىغىنى يوق، ئورتاق دۈشمىنىمىز پەقەتلا ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان تاجاۋۇزچى خىتايدۇر. تۈركىيەدىكى ۋە باشقا ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلار مىللىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلاردا بىر يەرگە كېلىپ مەسلىھەت قىلالىشى ۋە بىرلىكتە دۈشمەن خىتايغا زەربە بىرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بىز تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇنبىرىدىكى تەشكىلاتلار يەنىلا تۈركىيەدە مىللىي مەنپەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىكى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى بارلىق تەشكىلاتلار بىلەن سۆز ۋە ھەرىكەتتە سەمىمىي بۇلۇش شەرتى ئاستىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق مىخانىزىمى ئورنىتىپ، دۈشمەن تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز.
تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى
2025-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئىلاۋە - تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ئەزا 11 تەشكىلات تىزىملىكى:
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى،
شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى،
ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپى،
ئۇيغۇر ئىلىم - مەرىپەت ۋەخپى،
دارۇل ئىمان ئاكادېمىيەسى،
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى،
شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى،
ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقات ۋەخپى،
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە نەشىرىيات جەمىئىيىتى،
يۇرتلار بىرلىكى جەمىئىيىتى،
شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى جەمىئىيىتى
ئاپرېل 29, 2025
Fevzi Çakmak, Sultan Murat Cd. No:16 D:c, 34295 Küçükçekmece/İstanbul
+90 505 558 20 17
ili.meshrep.weqpi@gmail.com
نەشىر ھوقۇقى © ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپىگە مەنسۇپ