ئىلى مەشرىپى 8- قېتىملىق يىللىق يىغىلىش خۇلاسىسى
ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىلى مەشرەپ يىللىق يىغىلىشىنىڭ 8- قېتىملىق دالا مەشرىپى بۇ يىلمۇ كۆڭۈلۈك ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلى مەشرەپى 2017- يىلى ئىستانبولدا قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر يىلى ياز ئېيىدا ئىستانبول سىرتىدا دالا مەشرەپ شەكلىدە بىر كۈن مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ يىل يەنى 2025- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى ئىستانبولنىڭ كەمەربۇرغاز كەنت ئورمانلىقىدا دالا مەشرەپ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. دالا مەشرىپىگە ئىلى مەشرەپ ئەزالىرىدىن ئەر-ئايال، قىز-ئوغۇل بولۇپ ناھايىتى كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلدى. بەزى ئەزالار ياۋرۇپادىن ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن كېلىپ، مەشرەپكە داخىل بولدى.
يات ئەللەردە مۇساپىرلىقتا ياشاۋاتقان ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن دالا مەشرىپى ناھايىتى مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت. بۇ ھېچقانداق بىر ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي غەرەز كۈتمەستىن خالىسانە، دوستانە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىش. ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇساپىرلىقتا غېرىبلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ھەر بىر ئىلىلىق ئۈچۈن، بۇ مەشرەپ ئىناقلىق، سەمىمىيەت ۋە دوستلۇق رىشتىسىنى چىڭىتىدىغان، تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان «دىدار غەنىمەت» سورۇنى.
ئوتتۇز ئوغۇل، ھازىرلانغان سورۇندىن ئورۇن ئېلىپ، ئەنئەنىۋى ئىلى مەشرىپىگە ۋارسلىق قىلىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك پائالىيەتلەر بىلەن دالا مەشرىپىنى يۈكسەك كەيپىياتتا داۋام قىلدى. ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
ئىلى مەشرەپ يىگىت بېشىمىز جۈرئەت غۇلجا ئەپەندىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ قوللىشى ۋە بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپ كۈچ چىقرىشى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى.
يىگىت بېشى ۋە چوڭلار كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلىپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان-پروگرامما ھەققىدە توختالدى. مۇھاجىرەتتە قۇرۇلغان ئىلى مەشرىپىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى. ۋەتەن مۇستەققىلىقىغا بىرلىكتە كۈچ قۇشۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
ياش-ئۆسمۈر ۋە بالىلارنىڭ تونىشىشى، دوستلىشىشى مەقسەت قىلىنغان بۇ يىغىلىش چوڭلارنىڭ خۇرسەن، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خۇشال، بالىلارنىڭ شادىمان ھالدا ئۆيىگە قايتىشى بىلەن كۆڭۈللۈك تاماملاندى.
2025- يىل 7- ئاينىڭ 27-كۈنى يەكشەنبە
تۈركىيە ئىستانبۇل، كەمەربۇرغاز ساياھەت ئورنى
ئىيۇل 27, 2025
Fevzi Çakmak, Sultan Murat Cd. No:16 D:c, 34295 Küçükçekmece/İstanbul
+90 505 558 20 17
ili.meshrep.weqpi@gmail.com
نەشىر ھوقۇقى © ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپىگە مەنسۇپ